« زەبۇر »

85

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم،

قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.

2ئەپۇ قىلىپ قىلمىشىنى خەلقىڭنىڭ،

كەچۈرگەنىدىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ. سېلاھ

3ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە،

ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ.

4بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا،

بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ،

ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا.

5بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟

غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟

6شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ

بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟

7بىزگە بەرگىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى،

ئاتا قىلغىن بىزگە ھەم نىجاتلىقىڭنى.

8قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە،

خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم

ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا،

ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە.

9شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا،

زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.

10خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى

ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلىق ۋە ئامانلىقنى.

11ۋاپادارلىق زېمىندا مەۋجۇت بولار،

ھەققانىيلىق ئەرشلەردىن باقار.

12پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار،

يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار.

13ھەققانىيلىق، ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ،

كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى