« زەبۇر »

133

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات

1قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق،

قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق.

2ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر،

ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ،*

ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا،

تامغانىدى ياقىلىرىغا.

3مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق،

خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر* چۈشكەن كەبى سىئونغا،

بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى،

ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا.



*2ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ _ ھارۇن باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەنگەندە، ئۇنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بېشىغا ئالاھىدە پۇراقلىق ياغ قۇيۇلغانىدى. بۇ خىل ياغ بىر نەچچە خىل پۇراقلىق ئوت-چۆپلەر بىلەن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ ياسىلاتتى. بۇ يەردە دەل شۇ ياغ كۆرسىتىلگەن. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 30-باب 22 _ 38-ئايەتلەرگە قارالسۇن.

*3خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر _ ئوتتۇرا شەرقتە جايلاشقان خەرمون تېغى مول شەبنەملىرى بىلەن داڭلىق ئىدى.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى