« زەبۇر »

12

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «شېمىنىت»تا* ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار،

تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار،

قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار.

2يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە،

ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.

3-4دەيدۇ ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غالىب كېلىمىز،

ئۆزىمىزنىڭكىدۇر ئاغزىمىز،

كىممۇ بولالايتتى خوجىمىز؟!»

پەرۋەردىگار ئېتىۋەتكەي خۇشامەتچىلەرنىڭ ئېغىزلىرىنى،

كېسىۋەتكەي ھەم پوچىلارنىڭ تىللىرىنى.

5«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا:

«زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر،

نالە قىلغاچ مىسكىنلەر،

يەتكۈزەي ئۇلارنى

تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»

6تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى،

چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى.

7ئى پەرۋەردىگار، قوغدىغايسەن مىسكىنلەرنى،

مەڭگۈ قوغدىغايسەن بۇ دەۋردىكىلەردىن بىزنى.

8تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار،

غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار.



*شېمىنىت _ سەككىز تارلىق ساز ياكى بىر خىل ناخشا ئاھاڭى.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى