« زەبۇر »

110

داۋۇت يازغان مۇناجات

1پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:

«ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،

مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»

2پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن،

دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.»

3سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا،

تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا.

سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا،

خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.

4پەرۋەردىگار ئۆزگەرتمەس قىلغان مۇنۇ قەسىمىنى:

«مەڭگۈلۈك روھانىيدۇرسەن مالكىسىدىقنىڭ* قاتارىدىكى.»

5ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە،

پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە.

6ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە،

باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە،

ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.

7ئىگەم يول ئۈستىدە بۇلاقتىن سۇ ئىچەر،

كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرەر.



*4مالكىسىدىق _ سالېم (يېرۇسالېم) شەھىرىنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئۇ ئىبراھىم پەيغەمبەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەن. «مالكىسىدىق» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. «سالېم پادىشاھى» دېگەننىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-ئەۋلادى، نەسەبى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە يوق. «تەۋرات. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 14-بابقا قارالسۇن.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى