« زەبۇر »

4

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا،

ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا.

مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا.

2ئەي ئىنسان بالىلىرى،

قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى،

قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى،

قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ

3بىلىپ قويۇڭلار شۇنى،

پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى،

ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.

4خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار!*

جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا،

بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ

5چىن دىل بىلەن قىلىڭلار قۇربانلىقلارنى،

پەرۋەردىگارغا باغلاڭلار ئىشەنچىڭلارنى.

6سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر:

ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟

ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن

جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.

7زىيادە خۇشال قىلدىڭ كۆڭلۈمنى،

شۇنچە مول بولغانلاردىنمۇ ئاشلىق ۋە شارابلىرى.

8ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان،

چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى

پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.



*4خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار _ بەزى تەرجىمىلەردە «ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن» دەپ ئېلىنغان.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى