خۇدا رەھىم-شەپقەتلىكتۇر

« زەبۇر » 25- مۇناجات

6ئى پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن رەھىمىڭنى،

ئەزەلدىن كۆرسەتكەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 34- باب

6پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»، يەنى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرمەن. ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن، مېھىر-مۇھەببىتىم مول، ۋاپادارمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

78-79چۈنكى، خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،

ئۇ ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلەر بىزگە.

ئۇ نۇرىنى چاچار،

قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا،

باشلار بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا.» [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

1شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

4لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، 5گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى