ياقۇپ پەيغەمبەر

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

26كېيىن تۇغۇلغىنىنىڭ قولى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا، ئىسھاق ئاتمىش ياشقا كىرگەنىدى.

27ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ئىنىسى ياقۇپ جىمجىت يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە تۇراتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

34ئاندىن، ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىندۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 32- باب

28ھېلىقى كىشى يەنە:

_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى، سەن خۇدا ۋە ئىنسان بىلەن چېلىشىپ شۆھرەت قازاندىڭ، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 35- باب

22ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، زىنا قىلدى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى.

ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، 23لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: تۇنجى ئوغلى رۇبېن، ئاندىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇنلاردۇر. 24راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىندۇر. 25راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھتىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالىدۇر. 26لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى بولسا: گاد ۋە ئاشېردۇر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 47- باب

27ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار روناق تېپىپ، ئاھالىلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. 28ياقۇپ مىسىردا ئون يەتتە يىل ياشاپ، بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى