« زەبۇر »

48

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات

1ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار!

ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا،

خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە،

لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.

2بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى،

شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ.

ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك،

تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.

3خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ،

قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ.

4بىر يەرگە يىغىپ قوشۇنلىرىنى پادىشاھلار،

ماڭغانىدى جەڭ قىلماق بولۇپ ئۇلار.

5لېكىن، ئۇلار كۆرۈپلا شەھەرنى بولدى ئالاقزادە،

ئارقىسىغا بەدەر قېچىشتى چۈشۈپ ۋەھىمىگە.

6تىترەك بېسىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى،

قىينالدى تولغاق يىگەن ئايال كەبى.

7ئى خۇدا، چىقىرىپ شەرق شامىلىڭنى،

ۋەيران قىلدىڭ «تارشىشنىڭ * كېمىلىرى»نى.

8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _

خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە،

كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا.

خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە. سېلاھ

9ئى خۇدا، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە،

چوڭقۇر ئويلاندۇق مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ھەققىدە.

10ساڭا بېغىشلانغان مەدھىيەلەر، ئى خۇدا،

خۇددى نامىڭدەكلا تارالدى كەڭ جاھانغا.

11ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن،

خۇش بولسۇن سىئون تېغى،

شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى.

12ئەي خۇدانىڭ خەلقلىرى،

زىيارەت قىلىڭلار يېرۇسالېمنى.*

ئايلىنىپ كۆرۈپ ئۇنى،

ساناپ چىقىڭلار مۇنارلىرىنى.

13كۆزىتىپ چىقىڭلار سېپىللىرىنى،

كۆزدىن كەچۈرۈڭلار قەلئەلىرىنى،

بايان قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلارنى.

14بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە،

ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.



*7تارشىش _ شەھەر ئىسمى. تارشىشنىڭ كېمىلىرى ئەينى زاماندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كېمىلەر بولۇپ، بەلكىم بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ كۈچىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

*12يېرۇسالېم _ سىئون دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى