« زەبۇر »

127

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، سۇلايمان يازغان مۇناجات

1ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار،

ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر.

ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار،

بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.

2بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار

ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە

كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.

3پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر،

ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.

4تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا،

ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا.

5بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا،

چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا،

يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا.*



*5يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا _ ئەينى چاغلاردا كىشىلەر ھەق-ناھەقنى ئايرىشتا شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا خەلقىئالەم ئالدىدا مۇنازىرىلىشەتتى. ماجىرالار شۇ يەردە ھەل قىلىنىپ، ھۆكۈم چىقىرىلاتتى.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى