« يوشۇۋا »

20

پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

1پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن. 3ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇ بۇ شەھەردە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. 4لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن. 5ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن قوغلاپ كەلسە، ئاقساقاللار ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرگۈچىنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەرمەسلىكى كىرەك. چۈنكى ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋىتىمۇ بولمىغان. 6ئەمما ئۆلتۈرگۈچى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلغۇچە، شۇ يەردە تۇرۇشى كېرەك. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى باش روھانىي ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆلتۈرگۈچى چوقۇم شۇ شەھەردە تۇرۇشى كىرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرگۈچى ئەركىن بولۇپ، ئۆزى قېچىپ كەلگەن شەھەرگە قايتسا بولىدۇ.

7نافتالى قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىنىڭ جەلىلىيەدىكى قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. 8ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. 9بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان سىرىتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، قىساس ئالغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىنالايدۇ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى