« يوشۇۋا »

12

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مەغلۇپ قىلىنغان پادىشاھلار

1ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە كېڭەيگەنىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى ئارابا رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

2ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 3سىخون پادىشاھ شەرقتە ئارابا رايونىغا، يەنى بەيت-يىشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇبقا سوزۇلغان پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالنىڭ ئەڭ چېتىدىكى جەلىلىيە* كۆلىدىن تارتىپ، جەنۇبنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئۆلۈك دېڭىزى،* يەنى تۇز دېڭىزىغىچە بولغان رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

4مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى. 5ئۇ شىمالدا خەرمون تېغىدىن تارتىپ، سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارغا، غەربتە پۈتكۈل باشان زېمىنىدىن تارتىپ، گىشۇر ۋە مائاكانىڭ چېگرالىرىغىچە ھەمدە گىلئادنىڭ شىمالىي يېرىمىدىن تارتىپ، خەشبونلۇق سىخون پادىشاھنىڭ چېگراسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.

6ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بۆلۈپ بەرگەنىدى.

ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى مەغلۇپ قىلىنغان پادىشاھلار

7يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان لىۋان جىلغىسىدىكى بائالگاد دېگەن جايدىن خالاق تېغىغىچە، ھەتتا سەئىرگىچە بولغان زېمىندىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بۆلۈپ بەرگەنىدى. 8بۇ زېمىنلار، تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئارابا رايونى ۋە تاغ باغرىلىرىنى ھەمدە چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:

9ئېرىخا پادىشاھى

بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى

10يېرۇسالېم پادىشاھى

ھىبرون پادىشاھى

11يارمۇت پادىشاھى

لاكىش پادىشاھى

12ئەگلون پادىشاھى

گەزەر پادىشاھى

13دىبىر پادىشاھى

گەدەر پادىشاھى

14خۇرماھ پادىشاھى

ئاراد پادىشاھى

15لىبناھ پادىشاھى

ئادۇللام پادىشاھى

16ماققېدا پادىشاھى

بەيتەل پادىشاھى

17تاپپۇۋاخ پادىشاھى

خېفەر پادىشاھى

18ئافېق پادىشاھى

لاشارون پادىشاھى

19مادون پادىشاھى

خازور پادىشاھى

20شىمرون-مىرئون پادىشاھى

ئاكشاف پادىشاھى

21تاناك پادىشاھى

مىگىددو پادىشاھى

22قەدەش پادىشاھى

كارمەلدىكى يوقنىئام پادىشاھى

23نافوت-دورنىڭ يېنىدىكى دور پادىشاھى

گىلگالنىڭ يېنىدىكى گويىم پادىشاھى

24تىرزاھ پادىشاھى

جەمئىي 31 پادىشاھتۇر.



*3جەلىلىيە كۆلى _ كىننەرەت كۆلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

*3ئۆلۈك دېڭىزى _ ئارابا دېڭىزى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى