« يەرەمىيا »

47

فىلىستىيە توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر.

2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك.

ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ.

پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ،

شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ.

كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ.

بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.

3دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى،

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ.

قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

4بارلىق فىلىستىيەلىكلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى.

ھايات قېلىپ، تىر ۋە سىدون شەھىرىگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقتى كەلدى.

كرىت ئارىلىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگار تېزلا ۋەيران قىلىمەن.

5گازا شەھىرى ھازا تۇتۇپ چېچىنى چۈشۈرىدۇ.

ئاشقىلون شەھىرى جىمىقتۇرۇلىدۇ.

ئەي تۈزلەڭلىكتە ھايات قالغان فىلىستىيەلىكلەر،

سىلەر قاچانغىچە تېنىڭلارنى تىلىسىلەر؟

6‹ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى،

قاچان توختايسەن؟

غىلىپىڭغا قايت، ئارام ئال!› دەيسىلەر.

7لېكىن مېنىڭ قىلىچىم قانداقمۇ ئارام ئالسۇن،

ئۇنى مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان تۇرسام؟

مەن پەرۋەردىگار ئۇنى ئاشقىلون ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان.»

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى