« خاباقۇق »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«خاباقۇق» مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بابىل ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان. «خاباقۇق»نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بابلىرىدا خۇدا بىلەن خاباقۇق پەيغەمبەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت بايان قىلىنغان. ئۇ چاغلاردا يەھۇدىيەدە قانۇنسىزلىق ۋە چىرىكلىك ئەۋج ئالغانىدى، شۇڭا خاباقۇق پەيغەمبەر ئادالەتسىزلىك ۋە جىنايەتكە تولغان يەھۇدىيە ئۈستىدىن خۇداغا شىكايەت قىلغان. شۇ چاغدا خۇدا خاباقۇق پەيغەمبەرگە يەھۇدا خەلقىنى بابىللىقلار ئارقىلىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بۇ جاۋابى خاباقۇق پەيغەمبەرنى قاتتىق ھەيرانلىقتا قالدۇرغان. چۈنكى يەھۇدا خەلقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق گۇناھكار بولغان بابىللىقلارنى خۇدانىڭ يەھۇدىيە خەلقىنى جازالاش ۋاسىتىسى قىلىشىنى خاباقۇق پەيغەمبەر ھېچ چۈشىنەلمىگەن ۋە بۇنداق قىلىشنى ئۇ ئادالەتسىزلىك، دەپ ھېس قىلغان. ۋاھالەنكى، ياراتقۇچى خۇدا خاباقۇق پەيغەمبەرگە، ئۆزىنىڭ بابىللىقلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىغا غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىمۇ ئاخىرى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خاباقۇق پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۈچ-قۇدرەت بېرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

ئاخىرقى بابتا، خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئالىرى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىغا ئېيتقان ھەمدۇسانالىرى بايان قىلىنغان.

تېزىس:

  1. خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ شىكايىتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى (1-باب 1-ئايەتتىن 2-باب 1-ئايەتكىچە)
  2. رەزىللەرگە كېلىدىغان جازا (2-باب 2-ئايەتتىن 20-ئايەتكىچە)
  3. خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى (3-باب )

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى