« لاۋىيلار »

12

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پاكلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 3ئوغۇل بوۋاق سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنسۇن. 4تۇغۇتلۇق ئايال يەنە ئوتتۇز ئۈچ كۈندىن كېيىن قاندىن پاكلىنىدۇ. قىرىقى توشمىغۇچە ئۇ ئايال ھەرقانداق مۇقەددەس نەرسىگە يېقىن كەلمىسۇن، ئىبادەت جايغىمۇ كىرمىسۇن. 5ئەگەر ئايال قىز تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئون تۆت كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاتمىش ئالتە كۈندىن كېيىن، قان كېلىشتىن پاكلىنىدۇ.

6تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، پاختەك ياكى ياش كەپتەردىن بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. 7روھانىي ئايالنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئايال قاندىن پاكلىنىدۇ. بۇ ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. 8ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى