« ھوشىيا »

3

ھوشىيانىڭ گومەرگە قايتا كۆڭۈل بېرىشى

1پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى:

_ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىل خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.

2شۇڭا مەن ئايالىمنى 170 گىرام كۈمۈش ۋە 150 كىلو ئارپىغا سېتىۋالدىم. 3ئاندىن ئۇنىڭغا:

_ سەن مەن بىلەن بىر مەزگىل بىرگە تۇرىسەن، بۇ جەرياندا پاھىشىلىك قىلما، بىرەرمۇ ئەر كىشىگە يېقىنلاشما، مەنمۇ ساڭا يېقىنلاشمايمەن، _ دېدىم.

4شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىل خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلارنىڭ پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ. 5شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى