« ئەزەكىئەل »

15

ئۈزۈم تېلى ھەققىدىكى تەمسىل

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۈزۈم تېلىنىڭ باشقا ياغاچلاردىن پەرقى بارمۇ؟ ئورماندىكى دەرەخلەردىن بىرەر ئەۋزەللىكى بارمۇ؟! 3ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ياكى نەرسە ئاسقىلى بولىدىغان قوزۇق ياسىغىلى بولامدۇ؟! 4ياق، ئۇ پەقەت ئوتۇنغىلا يارايدۇ! ئۇ كۆيۈپ، چۇچىلا بولۇپ قالسا، ئۇنى يەنە نېمىگە ئىشلەتكىلى بولسۇن؟! 5كۆيمەستە ھېچنېمىگە يارىمىغان ئۈزۈم تېلى كۆيگەندىن كېيىن يەنە نېمىگە يارىسۇن؟!

6شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، يېرۇسالېملىقلار ئورمان ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ، مەن ئۈزۈم تېلىنى قانداق ئوتقا تاشلىغان بولسام، ئۇلارنىمۇ شۇنداق تاشلايمەن. 7مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلار ئوت ئىچىدىن قېچىپ چىقسىمۇ، ئوت يەنىلا ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققىنىمدىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 8مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى