« ئاموس »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

ئاموس پەيغەمبەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي پادىشاھلىق يەھۇدىيەگە قاراشلىق تىقوۋا دېگەن كىچىك بىر يېزىدىن ئىدى. ئاموس بىر چارۋىچى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنى ئىسرائىللارغا پەيغەمبەرلىككە تاللىدى.

شۇ دەۋردە ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، ياروبئام Ⅱ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت تازا گۈللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىك ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇش شۇنچىلىك ئەۋج ئالغانىدى. خۇدا ئاموسنى تاللاپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار گۇناھىغا توۋا قىلمىسا، خۇدانىڭ ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

گەرچە ئاموس جەنۇبىي پادىشاھلىق بولغان يەھۇدىيەدىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى كۆپىنچە ھالدا شىمالىي پادىشاھلىق ئىسرائىلىيەدە يەتكۈزىدۇ. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بەيتەل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى چوڭ بۇتخانىدا خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدۇ. لېكىن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئاموس پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ. ئارىدىن ئەللىك يىل ئۆتمەي تۇرۇپ، ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاسسۇرلار ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئادەملىرىنى سۈرگۈن قىلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار كېيىن ئۇلارنى سۈرگۈندىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن گۈللەندۈرىدىغانلىقى ۋە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ.

تېزىس:

  1. خۇدانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنا ئەللىرىگە بېرىدىغان جازاسى (1-باب 1-ئايەتتىن 2-باب 3-ئايەتكىچە)
  2. خۇدانىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان جازاسى (2-باب 4-ئايەتتىن 6-باب 14-ئايەتكىچە)
  3. بەش غايىبانە ئالامەت (7-باب 1-ئايەتتىن 9-باب 10-ئايەتكىچە)
  4. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى (9-باب 11-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە)

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى