خۇدا مەڭگۈلۈكتۇر

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 21- باب

33ئىبراھىم بەئەرشەبادا بىر تۈپ سۆگەت تىكىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

12خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىسىلەر. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ بەلگىسى، _ دېدى.

13_ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «قايسى خۇدا ھەققىدە سۆزلەۋاتىسەن؟ ئۇنىڭ نام-شەرىپى نېمە؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا.

14خۇدا مۇنداق دېدى:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى سىلەرگە ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.

15خۇدا مۇساغا يەنە:

_ ئىسرائىللارغا: «‹مەڭگۈ بار بولغۇچى›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى يېنىڭلارغا ئەۋەتتى» دېگىن. بۇ، مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىم. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 57- باب

15ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت،

نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن،

ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن،

كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن،

توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 40- باب

28ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟

ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟

پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر،

ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان،

ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ،

ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

20دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 1- باب

17بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن! [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 1- باب

8پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.» [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى