خۇدا ھەممىگە قادىر

« زەبۇر » 150- مۇناجات

2مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 9- باب

16بىراق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، مەن قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە ئېلان قىلىشتەك ئالاھىدە مەقسەت بىلەن سېنى پادىشاھلىققا تىكلىدىم. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 14- باب

31ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 15- باب

6سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتتە كامال تاپتى،

شۇڭا سەن، ئى پەرۋەردىگار، تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

20دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 4- باب

11«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز!

شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن.

چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ.

ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 19- باب

1شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار:

«ھەمدۇسانا!

نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى