مۇۋەپپەقىيەت

« زەبۇر » 1- مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىك ھە!

يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى،

گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى،

مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.

2پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار،

كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

3ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا،

ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار.

سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى،

ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار. [داۋامى]

« زەبۇر » 37- مۇناجات

3ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا،

تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.

4شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى،

ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

29كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟

ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

24ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 23- باب

11ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. 12ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

46شاگىرتلار زادى كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتاتتى. 47ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بىر بالىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ، 48شاگىرتلارغا:

_ كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قارشى ئالسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قارشى ئالغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى