كېپىللىك قىلىش

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 6- باب

1ئەي ئوغلۇم، كېپىل بولغان بولساڭ دوستۇڭغا،

ياكى قول بەرگەن بولساڭ كاپالەت ئۈچۈن بىراۋغا،

2تۇتۇلۇپ ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭ بىلەن،

باغلىنىپ قالغان بولىسەن ئۆز ۋەدەڭ بىلەن،

3قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنىڭدىن،

بۇنداق قىل، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا دەرھال بارغىن،

ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپ سورا تۆۋەنچىلىك بىلەن،

چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىدىسەن بەرگەن ۋەدەڭ بىلەن.

4قۇتۇلمىغىچە ئۇخلاپ ياتما، كىرپىك قاقما،

5ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك،

ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 11- باب

15كۆپ زىيان تارتار ياتقا كېپىل بولغۇچى،

ئامان بولار كېپىللىكتىن باش تارتقۇچى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

18قول بېرىپ ئەقىلسىز كىشى كېپىل بولار ئۆزگىگە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

26بولما قول بېرىپ كېپىل بولغۇچىلاردىن،

قەرز تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن،

27قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى،

ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟ [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 27- باب

13ياتقا كاپالەت بەرگۈچىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال،

ناتونۇشقا كېپىل بولغۇچىدىن كېپىللىك ئال. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى