« تىتۇسقا يېزىلغان خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى كرىت ئارىلىدىكى ياش، ئىشەنچلىك ياردەمچىسى تىتۇسقا يازغان. تىتۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچى بولۇپ، ئۇ پاۋلۇس بىلەن كرىت ئارىلىدىكىلەرگە ئەڭ ئاۋۋال خۇش خەۋەر يەتكۈزگەن. پاۋلۇس كرىت ئارىلىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، تىتۇسنى شۇ يەردە قالدۇرغان.

بۇ خەتتە پاۋلۇس ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك مىجەز-خۇلقلارنى تىلغا ئېلىپ، تىتۇسقا جامائەتچىلىكتىكى ياشانغان ئەرلەر، ياشانغان ئاياللار، ياش ئەرلەر ۋە قۇللارغا تەلىم بېرىش توغرىسىدا نەسىھەتلەرنى بەرگەن. پاۋلۇس يەنە تىتۇسقا ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پوزىتسىيىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىشنى تاپىلىغان.

تېزىس:

  1. سالام (1-باب 1-ئايەتتىن 4-ئايەتكىچە)
  2. جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك مىجەز-خۇلق (1-باب 5-ئايەتتىن 16-ئايەتكىچە)
  3. جامائەتچىلىك ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى (2-باب)
  4. يوليورۇق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش (3-باب 1-ئايەتتىن 11-ئايەتكىچە)
  5. ئاخىرقى سۆز (3-باب 12-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە)

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى