« لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى يەھۇدىي مىللىتىدىن بولمىغان دوختۇر لۇقادۇر. ئۇ ئۆز كىتابىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھاياتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان.

لۇقا بۇ كىتابتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىسرائىللارغا ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ۋەقەلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

بۇ كىتابتا خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان بەخت، دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھەر خىل ھاجەتمەنلەرگە، بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلاردا تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان ئاياللار، نامراتلار ۋە «گۇناھكارلار»غا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئەۋەتىلىشى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن.

تېزىس:

  1. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە بالىلىق چاغلىرى (1-، 2-بابلار)
  2. ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ۋە سىنىلىشى (3-بابتىن 4-باب 13-ئايەتكىچە)
  3. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەلىلىيىدىكى خىزمىتى (4-باب 14-ئايەتتىن 9-باب 50-ئايەتكىچە)
  4. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا سەپىرى (9-باب 51-ئايەتتىن 19-باب 27-ئايەتكىچە)
  5. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدىكى خىزمىتى (19-باب 28-ئايەتتىن 21-باب 4-ئايەتكىچە)
  6. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى (21-باب 5-ئايەتتىن 38-ئايەتكىچە)
  7. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە تىرىلىشى (22-بابتىن 24-بابقىچە)

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى