« تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ ياش خىزمەتدىشى ۋە ياردەمچىسى تىموتىيغا ئۆز نەسىھەتلىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خەتنى يازغان. ئۇ بۇ خەتنى يازغان چاغدا كىشەنلىنىپ، سوغۇق كامېرغا سولىنىپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھاياتىنىڭمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

بۇ خەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى سەۋر-تاقەت توغرۇلۇق بولۇپ، پاۋلۇس تىموتىينى ھېچقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئەيسا مەسىھكە باشتىن ئاخىر سادىقلىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشكە، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىدە ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى تەلىملەردە چىڭ تۇرۇشقا، جامائەتچىلىكتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.

پاۋلۇس تىموتىيغا ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن. پاۋلۇس ئۆز ھاياتى، سەۋر-تاقىتى، مېھىر-مۇھەببىتى ھەمدە باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغاندىكى قىيىنچىلىققا تاقەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۆزىدىكى ئېتىقادنى تىلغا ئېلىش بىلەن تىموتىيغا ئۈلگە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.

تېزىس:

  1. سالام (1-باب 1-ئايەتتىن 2-ئايەتكىچە)
  2. شۈكۈر ۋە مەدەت (1-باب 3-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)
  3. نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش (2-باب 1-ئايەتتىن 4-باب 5-ئايەتكىچە)
  4. پاۋلۇسنىڭ ئەھۋالى (4-باب 6-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)
  5. ئاخىرقى سالام (4-باب 19-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە)

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى