« يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى دەل «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر»، يۇھاننا يازغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خەتنىڭ مۇئەللىپى يۇھاننا بولۇپ، ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇنىڭ بۇ خەتنى يېزىشتىكى مەقسىتى ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، خۇداغا يېقىن ياشاشقا چاقىرىش بىلەن ساختا تەلىمگە ئەگەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇ يەردە دېيىلگەن ساختا تەلىم شۇنىڭدىن ئىبارەتكى: ماددىي دۇنيا رەزىل؛ جىسمانىي تەن بۇ ماددىي دۇنياغا تەۋە بولغاچقا، ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كېلىشىگە بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ماددىي دۇنيادىكى ھاياتقا باغلىق بولمىغاچقا، قۇتقۇزۇلغانلارنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىنىڭ ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

مۇئەللىپ بۇنداق ساختا تەلىمگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن، خۇدانى سۆيىمەن، دېگۈچىلەرنىڭ خۇداغا بويسۇنۇپ ياشىشى ۋە بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تېزىس:

  1. ھاياتلىق كالامى (1-باب 1-ئايەتتىن 4-ئايەتكىچە)
  2. يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق (1-باب 5-ئايەتتىن 2-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)
  3. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى (3-باب)
  4. ھەقىقەت ۋە يالغانچىلىق (4-باب 1-ئايەتتىن 6-ئايەتكىچە)
  5. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش (4-باب 7-ئايەتتىن 21-ئايەتكىچە)
  6. ئېتىقاد ئارقىلىق غەلىبە قىلىش (5-باب)

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى