« تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى ئۆز ئوغلىدەك بولۇپ قالغان، يېقىن خىزمەتدىشى ۋە ياردەمچىسى تىموتىيغا يازغان.

تىموتىي لىسترالىق (لىسترا شەھىرى بۈگۈنكى تۈركىيىدە) بولۇپ، ئاتىسى گرېك، ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئىدى. ئۇ خۇش خەۋەر تارقىتىش خىزمىتىدە پاۋلۇس بىلەن بىللە بولۇپ، ئەفەس ۋە كورىنت شەھەرلىرى ھەم ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغان. يەھۇدىيلار ئارىسىدا خىزمەت قىلىشتا توسالغۇغا ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پاۋلۇس ھەتتا ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغان («ئەلچىلەر» 16-باب 1-ئايەتتىن 3-ئايەتكىچە). تىموتىي گەرچە ئەلچى ھېسابلانمىسىمۇ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان ئىخلاسمەن ئېتىقادچىدۇر.

پاۋلۇس بۇ خەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى «ماددىي دۇنيانىڭ ئۆزى رەزىل، ھەقىقىي قۇتقۇزۇلۇشقا پەقەت ئالاھىدە مەخپىي تەلىم، شۇنداقلا مەلۇم يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، توي قىلماسلىقلارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ» دېگەن ساختا تەلىملەرگە رەددىيە بېرىش بىلەن بىرگە تىموتىينى بۇلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئاگاھلاندۇرۇشقا چاقىرغان.

پاۋلۇس يەنە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە قويۇلغان تەلەپلەر، جامائەتچىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىبادەت تەرتىپى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تىموتىينىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى ھەمدە ئېتىقادچىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن نەسىھەت قىلغان.

تېزىس:

  1. سالام (1-باب 1-ئايەتتىن 2-ئايەتكىچە)
  2. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھوشيار بولۇش (1-باب 3-ئايەتتىن 20-ئايەتكىچە)
  3. دۇئا قىلىش ۋە ئىبادەت تەرتىپى (2-باب)
  4. يېتەكچى ۋە ياردەمچىلەرگە قويۇلغان تەلەپلەر (3-باب)
  5. تىموتىينىڭ ۋە ئېتىقادچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى (4-بابتىن 6-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى