يېرىم كېچىدە كەلگەن دوست

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

5ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىپ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر يېرىم كېچىدە دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «بۇرادەر، ماڭا ئۈچ نان بېرىپ تۇر، 6ئۆيۈمگە بىر دوستۇم سەپەر بىلەن كەلگەنىدى، ئۆيدە ئۇنى كۈتكۈدەك بىر نەرسە قالماپتۇ» دېسەڭ، 7دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار، ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق. خاپا بولما!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ 8ياق، ئۇ دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ تارتىنماستىن قايتا-قايتا يالۋۇرۇشۇڭ ۋەجىدىن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سورىغان نەرسەڭنى چوقۇم بېرىدۇ. 9شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ. 11سىلەر بېلىق تەلەپ قىلغان ئوغلۇڭلارغا يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 12تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 13گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى