تويدىكى مېھمانلار

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

14شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىز ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىمىز، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

15ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى!؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 2- باب

18يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتاتتى. بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىدۇ، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

19ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 20ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

33بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! _ دېيىشتى.

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 35ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى