قىچا ئۇرۇقى

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتىزغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. 32قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ كۆچەت بولىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

30ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەي؟ 31ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، 32تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق شاخلايدۇكى، قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە ئۇۋۇلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

18ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى زادى قانداق؟ مەن ئۇنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەي؟ 19ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى