ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى بولۇش شەرتلىرى

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

25نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:

26_ ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. 27ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.

28ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن يەتكۈدەك پۇل بارمۇ-يوق دەپ، قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھېسابلىماي قالامدۇ؟! 29ئۇنداق قىلمىغاندا، مۇنارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ قويۇپ، ئۇنى پۈتكۈزەلمىسە، بۇنى كۆرگەنلەر، 30«بۇ ئادەم قۇرۇلۇشنى باشلاپ قويۇپ، ئايىغىنى چىقىرالمىدى» دەپ زاڭلىق قىلماي قالمايدۇ.

31شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر پادىشاھنىڭ ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بولۇپ، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر پادىشاھ بىلەن ئۇرۇشقىلى بارماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىنى سىناپ، رەقىبىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟! 32ئەگەر «تاقابىل تۇرالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلسە، دۈشمەن قوشۇنى تېخى يىراقتىكى ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئۆتۈنىدۇ. 33شۇنىڭغا ئوخشاش، قايسىڭلار بولسۇن بار-يوقۇڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر.

34تۇز ياخشى نەرسە. بىراق، تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ 35ئۇنى توپىغا ياكى ئوغۇتقا سېلىشقىمۇ يارىماي، تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى