قەرز ئېلىش ۋە بېرىش

« زەبۇر » 15- مۇناجات

5جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار،

پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار،

مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 22- باب

25ئەگەر سەن خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭ، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالما. 26ئەگەر سەن باشقا كىشىنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن پاتقۇچە قايتۇرۇپ بەر. 27چۈنكى، ئۇ پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ئۇ ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى رەھىمدىلدۇرمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

27ئەگەر كەلسە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن،

ياردىمىڭنى ئايىما ھاجەتمەنلەردىن.

28قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا،

«ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

8جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقىنى كۆپەيتكەن كىشىنىڭ بايلىقى،

كەمبەغەللەرگە ساخاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن قالار ئاخىرى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

42بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى