پارا بېرىش

« زەبۇر » 15- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا،

كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟

2ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە:

توغرا يولدا ماڭىدىغانلار،

ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار،

ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار،

3باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار،

دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار،

قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار.

4پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار،

تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار،

زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.

5جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار،

پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار،

مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار. [داۋامى]

« زەبۇر » 26- مۇناجات

9گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى،

قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.

10پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى،

سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 18- باب

21بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جامائەت ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا يېمەيدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 23- باب

8پارا ئالما، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

27ئاچكۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە كۈلپەت كەلتۈرەر،

پارىخورلۇقتىن نەپرەتلەنگۈچى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

23پارا ئالار يەڭ ئىچىدە چىرىك كىشى،

شۇندا بۇرمىلار ئادالەت يولىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

14باسار يوشۇرۇن سوۋغات ئاچچىقنى،

يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى.

15ئادالەت بەجا كەلتۈرۈلگەندە ھەققانىيلار خۇشال بولار،

يامانلىق قىلغۇچىلار بولسا ۋەھىمىدە قالار. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 33- باب

15توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ.

مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار،

سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار،

رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،

16مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ،

قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ،

ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى