ھارۇن پەيغەمبەر

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 4- باب

14بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار مۇساغا غەزەپلىنىپ:

_ سەن بىلەن بىر لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇن ئىسىملىك بىر ئاكاڭ بارغۇ. ئۇنىڭ ناتىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇ سېنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان يولغا چىقتى. ئۇ سېنى كۆرسە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 4- باب

28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرى ۋە مىسىردا كۆرسىتىشكە بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلەر ھەققىدە ھارۇنغا سۆزلەپ بەردى.

29شۇنداق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىيلەن مىسىرغا بېرىپ، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغدى. 30ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 6- باب

13بىراق، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

_ سىلەر بېرىپ، ئىسرائىللار بىلەن مىسىر پادىشاھىغا: «خۇدا بىزگە: ‹ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار› دەپ ئەمر قىلدى» دەڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 6- باب

23ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 24كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئابىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى بولدى. 25ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار پۇتەلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىخاسنى تۇغدى.

مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى.

26پەرۋەردىگار تەرىپىدىن «ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ ئەمر قىلىنغانلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. 27مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇندۇر. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى