ئەيسا مەسىھنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 24- باب

50ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى. 51ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

32پەرىسىيلەر خەلق ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى. 33ھەزرىتى ئەيسا:

_ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. كېيىن، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. 34مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، _ دېدى.

35بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بىر-بىرىگە:

_ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە كېتەر؟ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ 36«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 1- باب

9ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.

10ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:

11_ ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 1- باب

19-20شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىكلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ، دەل خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرەتتۇر. 21خۇدا ئەيسا مەسىھنى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، رەزىل كۈچلەر، مەنسەپدارلار ۋە تىلغا ئالغىلى بولىدىغانلىكى ئەمەللەرنىڭ ئۈستىگە چىقاردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

22تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى