ھاننا~ سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ ئانىسى

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 1- باب

6ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى. 7بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى. 8ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا:

_ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 1- باب

12ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى. 13ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلىپ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. پەقەت ئۇنىڭ لەۋلىرىلا مىدىرلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئۇنى مەست ئىكەن، دەپ ئويلىدى-دە، 14ئۇنىڭغا:

_ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى.

15ھاننا ئۇنىڭغا:

_ ياق، ئۇنداق ئەمەس تەقسىر. مەن پەرىشان بىر ئايالمەن. ھاراق-شاراب ئىچمىدىم، پەقەت پەرۋەردىگارغا كۆڭلۈمنى تۆكتۈم. 16مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى.

17_ ئامان-ئېسەن قايتقىن. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى.

18ھاننا جاۋابەن:

_ كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقايمەن، _ دېدى.

ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.

19ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانىدى، پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 20ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئېتىنى سامۇئىل قويدى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 1- باب

26ھاننا ئەلىگە:

_ تەقسىر، ھايات تۇرغانلىرى گۇۋاھ بولسۇنكى، 27بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال مەن بولىمەن. مەن پەرۋەردىگاردىن بالا تىلىگەنىدىم، پەرۋەردىگار تەلىپىمنى ئىجابەت قىلىپ، بۇ بالىنى ماڭا بەردى. 28شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولسۇن، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 2- باب

18ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 19ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر كىچىك چاپان تىكىپ، ئېرى بىلەن يىللىق قۇربانلىق قىلىشقا بارغىنىدا ئالغاچ باراتتى. 20ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەپ، ئەلقاناغا:

_ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا، پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى. 21پەرۋەردىگار ھانناغا غەمخورلۇق قىلغاچقا، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. بالا سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى. [داۋامى]

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى